باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە تۈركىيە ئېتىپ چۈشۈرگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2015.11.27 13:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە 24 سائەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شايىگو 25- نويابىر ، بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئېتىپ چۈشۈرگەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى، ھەمدە رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي بازىسىغا ئىلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن سۇرىيەنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ خادىملىرى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي 12 سائەت ئىچىدە بۇ ئۇچقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلدۇردى. نۆۋەتتە بۇ ئۇچقۇچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى. سۇرىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ ئەربابى 25- نويابىر مۇنداق دېدى: سۇرىيە رۇسىيە ئالاھىدە قىسىملىرى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر كونترول قىلىپ تۇرغان رايوندا ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىلىپ باردى. ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئالاھىدە قىسىم بىخەتەر چېكىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر