باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى قەرەللىك ھالدا فۇكاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

2015.11.27 13:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىلى يانۋاردا كاتتا تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ــــ 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بوغدا كۆلىمۇ قار ئۈستى ماھارىتى، بوشلۇق ماھارىتى، قىش پەسىللىك دالا مۇسابىقىسى، قىش پەسىللىك ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقە قاتارلىق ئالتە مۇسابىقە ۋە 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ بۇغدا كۆلى قار-مۇز بايرىمىنىڭ كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 25-نويابىر بوغدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، فۇكاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بەھىرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 20-نويابىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 31-مارتقىچە بوغدا كۆلى ساياھەت رايونى فۇكاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.

  بۇ يىل 20-نويابىردىن باشلاپ كېلەر يىلى 31-مارتقىچە فۇكاڭ شەھەر ئاھالىلىرى كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا بارسا، ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدىكەن. مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى باشقا مۇلازىمەتلەردىن ئوخشاشلا ھەق ئېلىنىدىكەن.

  2015 ~ 2016-يىللىق قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە، بوغدا كۆلىدە بارلىق ساياھەتچىلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە ئېتىبار پائالىيەتلەر يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئىشىك بېلىتى ۋە مەنزىرە رايونى ئاپتوموبىل بېلىتى 90 يۈەن ئالاھىدە باھادا بولىدىكەن. ساياھەتچىلىك جانلانغان مەزگىلدە ئىشىك بېلىتى بىلەن مەنزىرە رايون ئاپتوموبىل بېلىتى 215 يۈەن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر