باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتى تولۇق باھادا قايتۇرۇلىدۇ

ناچار ھاۋارايىنىڭ توسقۇنلىقى تۈپەيلىدىن، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتى تولۇق باھادا قايتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ياتاق - تاماق ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ

2015.11.27 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 25- نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن قاناس مەنزىرە رايونى قىشلىق ساياھەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل قاناس مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم قىشلىق ساياھەت بېلىتى سىياسىتىنى يولغا قويغان بۇلۇپ، كىلەر يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى ھەر بىر ئادەم 90يۈەن بولىدىكەن. شۇنداقلا، ئومۇمەن ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن يول راۋان بولماي، ساياھەتچىلەر ۋە كوللىكتىپنىڭ سەپىرىگە دەخلى يەتسە، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتى تولۇق باھادا قايتۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى قاناس مەنزىرە رايونى ھەر يىلى 10- ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن كىيىن قاتتىق قار تاغ يولىنى توسۇۋالغاچقا، مەنزىرە رايونى ئامالسىزلىقتىن تىجارىتىنى توختىتىدىغان بۇلۇپ، تاكى كېلەر يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئاندىن تىجارىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن. چۈنكى، قاتناش قولايسىز، قار تازىلاش ئەسلىھەلىرىنى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن قىشلىق ساياھەت ئىزچىل توختىتىپ قۇيۇلغان ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قاناس مەنزىرە رايونى« قىشلىق ساياھەت بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش لايىھىسى »نى تۈزۈپ، ئۈسكۈنە ۋە قاتناش قوراللىرىنى سېتىۋېلىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، قىشلىق جىددىي ئىشلار دىجورنىلىكىنى كۈچەيتىپ، خادىملار 24سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ، ئەگەر شىۋىرغانلىق كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش، قاپسىلىپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ قالسا جىددىي قۇتقۇزۇش كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنداقلا، تاش ئۆينى مەركەز قىلىپ،چۇڭقۇر يېزىسىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ناچار ھاۋا ئاستىدا ساياھەتچىلەرگە ياتاق - تاماق ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر