باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقىلدى

2015.11.24 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

  يىغىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»گە قاراپ چىقىلدى


  دۆلەت ئىلكىدىكى 55 تايانچ كارخانىنى كۆزىتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى


   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 23-نويابىر يىغىن ئېچىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى ھەم دۆلەت ئىلكىدىكى 55 تايانچ كارخانىنى كۆزىتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى 700 مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، خەلققە تېخىمۇ بەخت يارىتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان يېڭى نورمال ھالەتتە ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، 2020-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش، نامراتلىقتىن نىشانلىق قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساسىي تاكتىكا قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلارنى نىشانلىق يۆلەش بىلەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى روناق تاپقۇزۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەتنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، سىناقتىن ئۆتكەن ئالاھىدە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر