- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى 26-نويابىردىن باشلاپ سېتىلىدۇ
2015.11.25 13:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-نويابىر جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، پويىز بېلىتىنى ئالدىن 60 كۈن بۇرۇن سېتىش بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى 26-نويابىردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن.يولۇچىلار 26-نويابىردىن باشلاپ 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خەرىتىسى بويىچە يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. ئالاقە تورى، يانفون تېرمىنالى، تېلېفون قاتارلىقلاردا ئالدىن 60 كۈن بۇرۇن سېتىلىدۇ؛ ۋوگزال كۆزنىكى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بىلەن سېتىش ماشىنىسى قاتارلىقلاردا ئالدىن 58 كۈن بۇرۇن سېتىلىدۇ؛ چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە كۆپەيتىلگەن يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى 16-دېكابىردىن باشلاپ ئالدىن 40 كۈن بۇرۇن سېتىلىدۇ. ( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر