باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو − ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانلىنىدۇ

2015.11.25 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى ساھە، يېڭى تىلەك» تېمىسىدىكى 4-قېتىملىق جۇڭگو − ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى 24-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە سۇجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، زۇڭلى لى كېچياڭ ۋە ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ئۇچرىشىشتىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى سۈي خۇڭجيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر-بىرىنى قايتىدىن تونۇماقتا» دېدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ چاۋ جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشى. «16+1 ھەمكارلىقى» ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىشتەك مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنى پىلانلايدۇ. 4- قېتىملىق جۇڭگو − ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئېلىمىزنىڭ بۇ يىلقى ساھىبخان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم پائالىيىتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ياۋروپادا قانات يايدۇرغان مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى سىجىل، تەڭپۇڭ، چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر