باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئىرانغا ئۇران قۇيۇقلاندۇرۇش ئەسۋابلىرى تەمىنلەشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى

2015.11.25 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۆرەت: پۇتىن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) شۇ يەر ۋاقتى 23-نويابىر، روسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 8يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئىراندا زىيارەتتە بولدى. ئوخشاش بىر كۈنى روسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ پۇتىننىڭ ھۆججەتكە ئىمزا قويۇپ، ئىرانغا ئۇران قۇيۇقلاندۇرۇش ئەسۋابلىرى تەمىنلەشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى پۇتىن تېھرانغا يېتىپ بېرىپ، شۇ كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن تەبئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر مۇنبىرىگە قاتناشتى. بۇ 2007-يىلى پۇتىن ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن كاسپىي دېڭىزى قىرغىقى دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 8يىل ئۆتۈپ ئىراندا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ قالدى. پۇتىن روسىيەنىڭ شەرق دۆلەتلىرىگە بولغان تەبئىي گاز ئېكىسپورتىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ جۇڭگو، ھىندىستان ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان تەبئىي گاز ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىران 2003-يىلنىڭ بېشىدا، ئىران چېگرىسى ئىچىدە ئۇران كېنى بايقىغانلىقىنى ھەمدە ئۇراننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال كېلىشتۈرۈشى بىلەن، ئىران 2003-يىلى 12-ئايدا «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى.

  2006-يىلى 1-ئايدا ئىران توختىتىلغىلى ئىككى يىل بولغان يادرو يېقىلغۇسى تەتقىقات خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى ھەمدە ئوننەچچە يىللىق جازالىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىل 7-ئايدا، ئىران بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنادا تارىخىي كېلىشىمدە بىرلىككە كەلدى. بۇ كېلىشىم ئىران يادرو پىلانىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى كاپالەتلەندۈردى. كېلىشىمنىڭ پۈتۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىران ئۇچرىغان ھەرخىل جازالارمۇ تەدرىجىي بىكار قىلىنىشقا باشلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر