باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ھەققىدىكى قارار» قاتارلىقلار ماقۇللاندى

2015.11.25 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ھەققىدىكى قارار»، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، دۆلەتنىڭ مۇھىم، غوللۇق 55 كارخانىسىنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي خىزمەت ۋەزىپىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەجبۇرىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمىدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2020-يىلىغىچە، كەسىپتە يۆلەش، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، مائارىپتا يۆلەش، داۋالاپ قۇتقۇزۇش قاتارلىق تەبىرلەر ئارقىلىق، 50 مىليونچە نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان 20 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى يېزا تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمى بىلەن قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش كېرەك. نامرات جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولغان چەكلىمىلەرنى تېزدىن بۇزۇپ تاشلاپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى نۇقتىلىق قوللاش؛ سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەشكە بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئۆز ئارا ئۇيغۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ پۇل مۇئامىلە بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە بىلەن تېخىمۇ قوللىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەش؛ پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەمكارلىشىش مېخانىزمى، نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش مېخانىزمى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نامرات جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. ئالدى بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بىر يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش لازىم. پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، ئەڭ مۇھىمى-پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ پارتىيەگە تەۋە بولۇش پىرىنسىپىنى پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ رەھبىرى كادىرلار پارتىيە مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتۈشىنى تېخىمۇ دائىملاشتۇرۇش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە مەكتىپىنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەكتىپى خىزمىتىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭ ئەندىزىسىگە قويۇپ پىلانلاپ، پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدىكى مۇھىم مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، زېھنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پارتىيە مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇشتا يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش-دۆلەت كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش-دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمگە يېتەكلەش بىلەن مەسىلە يېتەكلەشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزملاردىكى نۇقسانلارنى دادىل تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ۋە يېتەكلىگۈچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر