باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى روسىيە تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ دېدى

2015.11.26 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) روسىيە دېپلوماتىيە مىنىسىتىرى رافلوف 25-نويابىر تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ روسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكىنى ئالدىن پىلانلانغان ئىغۋاگەرچىلىك، روسىيە تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلىمايدۇ، دېدى.

  رافلوف موسكىۋادا ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا: «بىزدە بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئالدىن پىلانلانغان ھەرىكەت، بىر قېتىملىق ئوچۇق ئاشكارا پىستىرما، كۈتۈش، ئەگىشىش، باھانە ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات بار» دېدى.

  بىراق رافلوف روسىيە تەرەپنىڭ تۈركىيەگە ئۇرۇش باشلاشنى ئويلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بىر تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز، بىزنىڭ تۈركىيە خەلقىگە بولغان مۇئامىلىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، بىراق بىز تۈركىيە ھازىرقى رەھبەرلىرىنىڭ قىلغىنىغا قارىتا گۇمان قىلىمىز» دېدى.

  ئۇ روسىيە-تۈركىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ سىياسىي شەخسلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، بىراق روسىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھازىرقى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمنى قايتا باھالاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر