باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى خۇڭبىن شىنجاڭ ئايرودۇرۇم ( گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىلىققا تەيىنلەندى

سابىق مۇئاۋىن باش مۇدىر دۇەن زىشىن ئۈرۈمچى ئايرودروم ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ

2015.11.27 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم ( گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 23-نويابر ئايرودۇرۇم گۇرۇھى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى جاكارلىدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش قارارىنى جاكارلىدى: لى خۇڭبىن شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومنىڭ ئەزاسى، شۇجىسى، باش مۇدىرىلىققا تەيىنلاندى، جاڭ جۈن شىنجاڭ ئايرودۇرۇم ( گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، باش دېرىكتورىلىققا تەيىنلەندى; دۇەن زىشىننىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم ( گۇرۇھ ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كومىتېت ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، باش دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. دۇەن زىشىن 30مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالماقچى بولغان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودروم ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  لى خۇڭبېن، ئەر، خەنزۇ، 1966-يىلى ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر