باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىگىلىكى كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى

2015.11.27 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2015 - يىلى يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە 204 مىليارد 909 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى. «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، سانائەت ئىگىلىكى كۈچلۈك موتورغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2014 - يىلى 317 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكىدىن %51.05 ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %10.86كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەتكە سېلىنغان مەبلەغ 476 مىليارد 42 مىليون يۈەن بولۇپ، %22 ئاشتى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق قوللايدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايون بايلىق تەقسىماتىنى باشقۇرۇش، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆۋەن توك باھاسى ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، توقۇمىچىلىق كەسپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم مالىيە، باج سىياسىتى ھەم كىيىم - كېچەك كەسپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللىدى. خىزمەت تامىقى يىغىنى، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى، «يېڭى يىلدىكى ياخشى باشلىنىش، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغاچقا، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىگىلىكى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى بىرىنچى تۈرتكىلىك كۈچ قىلىپ، «يېڭىچە سانائەتلىشىش، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە بازارلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش»نى رايونلارنىڭ كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىدىكى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش ئارقىلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە بازارلىشىشنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىقلارنى ئاز خورىتىدىغان، مۇھىتنى ئاز بۇلغايدىغان، ئادەم كۈچى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەك.

  ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقلاردىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىش، نېفىت ۋە نېفىت خىمىيەسىنى ئاساسىي يېتەكچى قىلغان، كۆمۈر، رەڭلىك مېتال، ئالاھىدە يېنىك سانائەت، ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى، پولات - تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بايلىق خاراكتېرىنى ئالغان سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلدى. شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئون خىل رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىرولىزلاشتۇرۇلغان ئاليومىن، تىرانسفورموتور، شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، يالتىراق بۇيۇملار، كونسېرۋا قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى زور كۆلەمدە ئاشتى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى. دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال كۈچى ئوپتىكىلىق توك چىقىرىش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇش قەدىمى تېزلىشىپ، بىر تۈركۈم دۆلەتلىك يېڭىچە سانائەتلىشىش كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى بارلىققا كەلدى.

  2014 - يىلى شىنجاڭنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %34.32كە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلاندى.

  12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئىچىدە خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. غەيرىي نېفىت سانائىتىنىڭ ئېشىشى نېفىت سانائىتىنىڭكىدىن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئېشىشى چوڭ كارخانىلارنىڭكىدىن تېز بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، يەرلىك سانائەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشتى.

  ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى بولغاچقا، بەش چوڭ كەسىپ بەلبېغى بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولدى. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى ئالدىن تەرەققىي قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنى يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى. ئۈرۈمچى - سانجى كەسىپ توپلاشقان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز بولدى. بۇ رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئالتە سانائەت باغچا رايونى بىلەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك توققۇز سانائەت باغچا رايونىنىڭ 2011 - يىلىدىكى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 174 مىليارد 200 مىليون يۈەن، قوشۇلما قىممىتى 39 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 2014 - يىلى 294 مىليارد 200 مىليون يۈەن ۋە 57 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2011 - يىلىدىكى %14.5تىن 2014 - يىلىدىكى%35.3كە ئۆستى.

  سانائەت ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىر قەدەر تېز كۆپىيىپ، ئىلتىماس قىلىنغان كەشپىيات پاتېنت سانى زور مىقداردا ئاشتى. 2013 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز قوبۇل قىلىپ بېجىرگەن كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسى 2081 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 540 خىلى كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بۇ 2010 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %128 ۋە %186 ئارتۇق.

  12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ كۆلىمى پۇختا قەدەمدە كېڭىيىپ، كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسۈپ، روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر توپلاشقان رايون شەكىللەنگەن بولۇپ، 2015 - يىلى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 200 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر