باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.27 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن 19 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھەسى)»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھەسى)» قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇرېھىم ئابلىزنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھەسى)»غا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زاكەن قەيسانىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھەسى)»گە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جياچۈننىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <كۆمۈر قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىلگەن لايىھەسى)» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى باۋ گۇاڭتۇنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز - ئېرىق سۇلياۋ يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھەسى)» توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىمجان ياسىننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى لى چېڭنىڭ 2014 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇلنىڭ جىنايى ئىشلار سوت خىزمىتى ۋە مەمۇرىي سوت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىشان ئىبراھىمنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى جازانىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تېلىۋالدى ئابدۇرېشىتنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جېڭ چياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر