مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى قومۇل ئۇچاستىكىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۆمۈريول كۆرگەزمىخانىسى مەزكۇر ئۇچاستىكىنىڭ خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش بازىسى ئىچىگە قۇرۇلغان بولۇپ، 26-نويابىر رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۆمۈريول كۆرگەزمىخانىسى ئۈستى ئوچۇق كۆرگەزمە مەيدان ۋە ئۆي ئىچى كۆرگەزمە زالدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدىكەن.