باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.11.25 14:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 23-نويابىر چۈشتىن كېيىن مالايسىيا زۇڭلى مەھكىمىسىدە زۇڭلى نەجىپ بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مالايسىيا بىلەن بىللە ئەنئەنىۋىي دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆز مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئىناق قوشنىدارچلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. ئىككىنچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈچۈنچى، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. تۆتىنچى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاۋىئاتسىيە، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى ۋە پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بەشىنچى، مۇداپىيە ۋە قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مېخانىزملاشقان بىرلەشمە مەشىق، بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ، تېررولۇققا قارشى تۇرۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە زەربە بېرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئالتىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، مائارىپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ.

  نەجىپ مۇنداق دېدى: مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆمۈر يول تۈرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى بۇرۇنراق باشلاپ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالايسىياغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇداپىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئەدلىيە، پورت، ئادىمىيەت، بازارغا كىرىش ئىجازىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت جۇڭگو-مالايسىيا بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، نەجىپ زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىدىكى مەيداندا لى كېچياڭ ۋە رەپىىقىسى چېن خۇڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىك كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر