باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بىزگە شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنە بولدى»

2015.11.26 09:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) «60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى بىزگە شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنە بولدى، 60 يىللىق تەرەققىياتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇ يەردىكى كىشىلەر شۇنچە بەختلىك ئىكەن، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرىنى كۆرۈپ ئىچ – ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم» دېدى 25 – نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە رۇسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا ياشلار خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پۇشىنىچىنا ناتالىيە.

  شۇ كۈنى مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىبى بىلەن «يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرايلى ـــ ئاسىيا – ياۋروپا ياش رەھبەرلەر تەتقىقات – ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» گە قاتناشقىلى رۇسىيە، بلورۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتتىن كەلگەن 50 ئادەم شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ «ۋەتىنىمىز قوينىدا ـــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» نى كۆردى. ئىگىلىشىمچە، ۋەكىللەر ئۆمىكى 29 – نويابىرغىچە شىنجاڭدا يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر