باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىلگىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

2015.11.25 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى مىچىل 22-نويابىر يېرىم كېچىدە مەملىكەتكە تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان» تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتى بوشىمىغانلىقى ئۈچۈن، مىنىستىرلار ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، پايتەخت بېريۇسىلنىڭ 23-نويابىر تۆتىنچى دەرىجە، يەنى ئەڭ يۇقۇرى بىخەتەرلىك ھالىتىدە داۋاملىق تۇرۇشىنى قارار قىلدۇق، مەكتەپلەر ۋە مېترولار تاقىلىدۇ، مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ئېھتىيات ھالىتىدە تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت ئاممىنى سودا مەركەزلىرى، كونسېرت، ئاممىۋىي قاتناش بېكەتلىرى قاتارلىق ئادەملەر كۆپ جايلارغا ئىمكان قەدەر بارماسلىققا ئەسكەرتتى.

  مىچىل مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئىشەنچىلىك ئىسپاتلاردىن ئايان بولىشىچە، تېررورچىلار ياۋروپانىڭ سىياسىي پايتەختى بېريۇسىلغا قورال ۋە ئوق-دورا بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى، سودا سارايلىرى، ئاممىۋىي قاتناش قاتارلىق ئادەملەر كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى پىلانلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر