- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق مەمۇرىي ئورۇنلار 2017-يىلى پۈتۈنلەي ياكى بىر قىسىمى توڭجو رايۇنىغا كۆچۈپ كېتىدۇ
2015.11.26 13:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشچە، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر قايسى شەھەرگە قاراشلىق مەمۇرىي-كەسپىي ئورۇنلار 2017-يىلى پۈتۈنلەي ياكى بىر قىسىمى بېيجىڭ شەھىرى توڭجو رايونى مەمۇرىي قوشۇمچە مەركىزىگە كۆچۈپ كىرىدۇ. نۆۋەتتە مەمۇرىي قوشۇمچە مەركىزىنىڭ مەمۇرىي ئىش بېجىرىش رايوننىڭ تۇرۇشلۇق جايى ۋە توڭجو رايونىدىكى لۇچېڭ بازىرى خاۋجافۇ كەنتىدىكى چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، يادرولۇق رايوندىكى قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە گۈللەندۈرۈش سىجىللىقى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر