خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 26–نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە چۈشەندۈرگۈچى شەھىدە ئابدۇسالام كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرگە مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرمەكتە. ئىگىلىشىمچە 27 – سىنتەبىر باشلانغان «ۋەتىنىمىز قوينىدا ـــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» (بېيجىڭ، شىنجاڭ) نى كۆرگەن تاماشىبىنلار سانى شۇ كۈنىگىچە 1 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشقان.
مەنبە: خەلق تورى