باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە فىرانسىيە زۇڭتۇڭلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ماسلىشىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى

2015.11.30 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بىلەن 26- نويابىر كېرىمىل سارىيىدا مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشكەندە، رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ سۇرىيەدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئىككى تەرەپلىك ماسلىشىشنى قانات يايدۇرۇش، ھەمدە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى بىلەن ماسلىشىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ، يېقىندا رۇسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك شەكىلدىكى ماسلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ ھەمدە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق بىلەن ماسلىشىپ، زەربە بېرىدىغان رايونلار ۋە ئەڭ ياخشى زەربە بېرىشىدىن ۋاز كېچىدىغان رايونلارنى تاللاش ھەمدە مەلۇم مەسىلىلەردە ئاخبارات ئالماشتۇرۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك .

  ھوللاندى مۇنداق دېدى: مەن پۇتىن بىلەن سۇرىيەدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش، تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىق تەشكىلاتلارغا زەربە بەرمەسلىكنى كېڭىشىپ بېكىتتىم. ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە بۇ مەسىلىدە ئاخبارات ئالماشتۇرۇپ، زەربە بېرىدىغان ۋە زەربە بەرمەيدىغان ئوبىكىتلارنى بېكىتىشى كېرەك .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر