باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامېرون ئەنگلىيە پارلامېنتىنى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشاۋغا ئىلىشنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى

2015.11.30 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون 26- نويابىر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئەنگلىيەنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىراقتىن سۇرىيە تەۋەسىگە كېڭەيتىشىنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى، ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشىدىكى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى شەرھلىدى.

  كامېرون شۇ كۈنى پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا سۆز قىلغاندا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرىگە قاراتقان مەيدانىنى شەرھلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداشنى باشقا دۆلەتلەرگە ھۆددىگە بەرمەيدۇ، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيەدە خەتەرگە قارىماي ئەنگلىيە يولۇققان تېررورلۇق تەھدىتنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئۇ ، ئەنگلىيە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىراقتىن سۇرىيەگە كېڭەيتىشى كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەنگلىيە تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر