خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 3 – دېكابىر كۈنىدىكى خەلقئارالىق مىيىپلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 28 – نويابىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۈرۈمچى خەيرىيەت بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشىدا «مىيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» تېمىسىدىكى چولپانلار خەيرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى .
كېچىلىككە ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى،ئاپتونۇم رايونلۇق مىيىپلار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇتەخەسىسلىرى تەكلىب بىلەن قاتناشتى. داڭلىق ئارتىسلاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مۆمىنجان ئابلىكىم قاتارلىقلار نەق مەيداندا نومۇر ئورۇندىدى.
كىچىلىكتە ،خەلقىمىز ئارسىدا چۈشەنچىسى تۆۋەن بولغان بالىلاردىكى تەنھالىق كىسلى ،ئوخشاش يۈزلىكلەر كىسلى توغرىسدىكى مەزمۇنلارۋە ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ۋە مىيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ ، مىيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، مىيىپلىك دەرىجىسىنى يىنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مىيىپلارنى چۈشىنىشىنى ، ھۆرمەتلىشىنى ، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە كۆيىنىشىنى ، ياردەم قىلىشىنى ، مىيىپلار ئىشلىرىنى قوللىشىنى ، مىيىپلارنىڭمۇ ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشى تەشەببۇس قىلىندى.
سۈرەتتە: كېچىلىكتىن كۆرۈنۈش.
مەنبە: خەلق تورى