باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ تىنچلىق سۆھبىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىشنى پىلانلىماقتا

2015.11.30 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر 26- نويابىر مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى سۇرىيەدىكى ھەر قايسى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنى يىغىپ يىغىن ئىچىپ مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىگە بىرلىكتە قاتناشماقچى.

  4- نويابىر، سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى 2- قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە ، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، مىسىر، ئىراق قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدە يەنى سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ، 18 ئاي ئىچىدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشتەك ۋاقىت جەدۋىلىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر