خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : شۇ جاي ۋاقتى29- نويابىر كەچتە، 84 - نۆۋەتلىك ھوللىۋود روژدېستۋو چوڭ نامايىشى لوس - ئانژېلىستىكى ھوللىۋود چولپانلار مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، كىشىلەر 10سېلسىيە گىرادۇسقا يەتمەيدىغان سوغۇقتا نامايىشچىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى قىزغىن تاماشا قىلىشتى. جۇڭگو گۇاڭشى مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھوللىۋود چولپانلار مەيدانىنى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن قىززىتىۋەتتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى