باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قار قاپلىنى ئاسىيا چېمپىيونىنى يېڭىپ قارا ئات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2015.12.01 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى لوڭقىسى ئاخىرلاشتى، جياڭسۇ شۇنتيەن چېمپىيون بولدى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن شىنجاڭ قار قاپلىنى كۇلۇبى ئاسىيا چېمپىيونى گۇاڭجوۋ خېڭدا ۋە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا تيەنجىن تەيدا كۇلۇبىنى يېڭىپ، قارا ئات مۇكاپاتى ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىراق قارا ئات مۇكاپاتىنى باھالاش قائىدىسىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ھەر قايسى تاراتقۇلار ئوخشاش خاتالاشتى. تېڭشۈن، سوخۇ، سىنا ۋە بېيجىڭ سەھەر گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار خەۋىرىدە بۇ مۇكاپات تۈرىنى تۆت كۈچلۈككە كىرگەن بېيجىڭ پاي كونتروللۇقى كۇلۇبىغا «بەردى».

  شىنجاڭ تەڭرىتاغ قار قاپلىنى كۇلۇبىنىڭ باش مۇدىرى سۈن ئەيجۈن مۇخبىرغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «مۇكاپات لوڭقىسى ۋە مۇكاپات پۇلى بىزنىڭ قولىمىزدا، قارا ئات مۇكاپاتىنىمۇ ئېنىقلا بىزگە بەرگەن بولسىمۇ، تاراتقۇلار خاتا ئۇچۇر تارقاتتى، مۇخبىرلار خاتالاشتى» دېدى.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئاسىيا چېمپىيونى كۇلۇبىنى مەغلۇب قىلغان بىردىنبىر كوماندا بولغان شىنجاڭ قار قاپلىنى كۇلۇبىنىڭ قارا ئات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئورۇنلۇق. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ قار قاپلىنى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى خې جيەن كۇلۇبقا ۋاكالىتەن قارا ئات مۇكاپاتى لوڭقىسى ۋە 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر