باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى پەسەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى

2015.12.02 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتوردىنبىرىك 30- نويابىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى پەسەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  سىتوردىنبىرىك سۆھبەتتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ موسكۋا بىلەن ئۇچرىشىشنى ھەمدە ئۇچرىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇھىم بولغىنى سوغۇققان بولۇش ۋە زىددىيەتنى پەسەيتىش كېرەك .

  داۋۇت ئوغلى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشى مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەدبىر، تۈركىيە ئەيىبلەنمەسلىكى كېرەك . ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە سۆزلىشىشكە قوشۇلسا، تۈركىيە بۇنىڭغا ئوخشاش قەستەن بولمىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش، تېخنىكا جەھەتتىكى ئۇچۇر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەردە ئالاقىلىشىشنى خالايدۇ. بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەپۇ سورىمايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر