باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: زور كۈچ بىلەن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 30-نويابىر بېيجىڭدا جۇڭگو دوكتور ئاشتى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلار سۆھبىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

2015.12.01 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 30-نويابىر بېيجىڭدا جۇڭگو دوكتور ئاشتى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلار سۆھبىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئېلىمىزنىڭ دوكتور ئاشتى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوكتور ئاشتى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىغا سالام يوللاپ، دوكتور ئاشتى ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان كىشىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 30 يىلدىن بۇيان، ھەر تەرەپنىڭ يۈكسەك ئېتىبارى ۋە ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، دوكتور ئاشتى تۈزۈمى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ ئاجايىپ يوللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، دوكتور ئاشتى كوللېكتىپى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلىرى ئارىسىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى. ھازىر، دوكتور ئاشتى پەن-تەتقىقات كۆچمە پونكىتى بىلەن خىزمەت پونكىتى بارلىق پەن تۈرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ساھەلىرىنى قاپلاپ، دوكتور ئاشتىلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىشلار، پەن تەتقىقات، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر