باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز 3-قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 80 نەچچە كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، نۇرغۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى چېتىپ جازالاندى

2015.12.02 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ بۇ يىلدىكى 3-قېتىملىق تەكشۈرۈشى قانات يايدۇرۇلغىلى بىر ئايدەك ۋاقىت بولدى. مۇخبىرنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تەكشۈرۈلگەن توققۇز ئورۇندىن 80 نەچچە كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۇلار ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ياكى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە ياكى مەركەز كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى «ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماسلىق» ياكى «نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى (قاتتىق) ئادا قىلماسلىق» سەۋەبلىك چېتىپ جازالانغان.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 1-دېكابىر «مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى»نىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ دېيىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى 1-دېكابىر سىن يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى، بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتى، تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئالىي مەكتەپنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تۆت مەسىلىسى قاتارلىق تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  مۇخبىر يەنە يۇقىرىدا دېيىلگەن توققۇز ئورۇننىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا نۇرغۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بايقىغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر