باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خارارىېغا بېرىپ، زىمبابۋېدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مۇگابې بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو-زىمبابۋې دوستلۇقىنى كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2015.12.02 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-دېكابىر خارارىېدا زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-زىمبابۋې ئىككى دۆلەت سىياسىيدىكى ياخشى دوستلاردىن بولۇپلا قالماستىن يەنە تەرەققىياتتىكى ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-زىمبابۋې دوستلۇقىنى كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې ھەقىقىي ياخشى دوست، جۇڭگو-زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ، كۈنسېرى مۇستەھكەملەشتى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، سەمىمىي ھەمكارلاشتى. جۇڭگو قەدىناس دوستىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ قېتىم زىمبابۋېنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسەت، جۇڭگو-زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىياسەتسىز ئىدىيە ۋە توغرا ئەخلاق قارشىغا داۋاملىق چىن، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، زىمبابۋې بىلەن بىرگە تىرىشىپ، جۇڭگو-زىمبابۋې ئىككى دۆلەتنى باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز ئارا قوللايدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلدىغان ياخشى ھەمراھ، ياخشى دوست، ياخشى بۇرادەرگە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگو ئىلگىرىكىگە ئوخشاش زىمبابۋېنىڭ مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، زىمبابۋېنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو جۇڭگو-زىمبابۋې ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بىلەن مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشتەك ئەۋزەل تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى زىمبابۋېغا مەبلەغ سېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى، كانچىلىق كەسىپ زەنجىرى ۋە ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتر كۈچى، ئۇچۇر ئالاقىسى، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىگە قاتنىشىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ساياھەت، ياشلار، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-زىمبابۋې دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىز زىمبابۋې بىلەن 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردىكى ماس ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەشكىلاتتا زىچ ماسلىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر