- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئارقان تارتىش كورېيەنىڭ بىماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولدى
2015.12.03 14:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئارقان تارتىش ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) بىماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
كورېيە «مەركەز گېزىتى» تورىنىڭ 2-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، 10-نۆۋەتلىك ب د ت پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتى يىغىنى شۇ كۈنى نامىبىيەنىڭ ۋىندخوكتا ئۆتكۈزۈلدى. كورېيە، ۋيېتنام، كامبودژا ۋە فېلىپپىن بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغان ئارقان تارتىش تۈرى بىماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كورېيەنىڭ ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتېماس قىلغان چىلىغان كۆكتات قاتارلىق 17 مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن كېيىن، ئارقان تارتىش كورېيەنىڭ 18-بىماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ قالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر