باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى «داۋالاش مۇلازىمىتىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

2015.12.03 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئۇچتۇرپان تەشۋىقات مەركىزىدىن زوھرەگۈل ئابلىمىت خەۋىرى) سوغۇق ھاۋارايى «ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى توسۇپ قالالمىدى. دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى، تېببىي بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىك، دورا ياسالمىسى بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار بۆلۈم ۋە ئىشخانا خادىملىرىدىن بولۇپ 5 نەپەر خادىم ياكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ساغلاملىق بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  دوختۇرخانا بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 200 ئادەمنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈپ قويدى، 80 ئادەمگە ساغلاملىق بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بەردى، 1000 يۈەن قىممىتىدە دورا تارقىتىپ بېرىپ، قىشنىڭ سوغۇق پەسلىدە ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر