باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ۋاڭ باۋجۈن قاتارلىق 3 كىشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2015.12.03 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى ۋاڭ باۋجۈن قاتارلىق 3 كىشىگە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلگەن.

  خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ باۋجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى. خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قانچە كۈندىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خېڭشۈي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ باۋجۈن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر