باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساقچىلارنى مۇكاپاتلاش نىزامى ئۆزگەرتىلدى، ئاساسىي قاتلام 1-سېپىگە مۇلازىمەت قىلىدىغانلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مۇكاپاتلاش تەمىناتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى

1-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى مۇكاپاتلاش سوممىسى 80 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

2015.12.03 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنى مۇكاپاتلاش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. بۇ 2003-يىلدىن بۇيان بۇ نىزامنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  نىزامدا ئاساسىي قاتلام 1-سېپىگە مۇلازىمەت قىلىدىغانلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبىرىي ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى مۇكاپاتلاشتا قاتتىق بولۇشتەك مۇكاپاتلاش پىرىنسىپى بويىچە، خەتەر، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، چوڭ، ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش، مۇھىم دېلولارنى پاش قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدىكى مۇكاپاتلاش تەستىق تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مۇكاپاتلاش نىسبىتىنى زورايتىش جەھەتلەرگە قارىتا كونكرېت بەلگىلىمە تۈزۈلدى. مەسىلەن: ئومۇمىي پرىنسىپتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ مۇكاپاتلاش خىزمىتى پىرىنسىپىنىڭ «ئاساسىي قاتلام 1-سېپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، رەھبىرىي ئورگان، رەھبىرىي كادىرلارنى مۇكاپاتلاشتا قاتتىق بولۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ 5-بابنىڭ 27-ماددىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: نازىر، ئىدارە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇن، شەخس ۋە شەھەر(ۋىلايەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە مۇكاپاتلانمايدۇ؛ باشقارما دەرىجىلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئاساسىي قاتلام ۋە 1-سەپتە ھەقىقىي ئىشلەيدىغان ئورۇن ۋە خەلق ساقچىلىرىنى مۇكاپاتلاش سانى يىللىق مۇكاپاتلاش ئومۇمىي سانىنىڭ ٪85تىدىن يۇقىرى بولۇش كېرەك.

  نىزامدا مۇكاپاتلاش تەمىناتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. شەخسنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگە، شەخسنىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە، شەخسنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى مۇكاپاتلاش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگە، 1-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى مۇكاپاتلاش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن 80مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. 1-، 2- دەرىجىلىك قەھرىمان، نەمۇنىچىلارنىڭ پەرزەنتىلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، ئادەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ، بۇ ئېتىبار تەدبىرى ساقلىنىپ قېلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر