- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاينىڭ ئارقا يۈزىدە سىلىق قونىدۇ
2015.12.03 14:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى كومىتېتى يېقىندا ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى ئېچىپ، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزىتىش دوكلاتى، تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ باش تەلىپى ۋە كېيىنكى ئومۇمىي تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان، ئېلىمىزنىڭ «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاينىڭ ئارقا يۈزىدە سىلىق قونۇشتىن ئىبارەت.
تونۇشتۇرۇلىشىچە، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسى «ئاي پەرى 3-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ زاپىسى بولۇپ، «ئاي پەرى 3-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇ ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، ھازىر بار بولغان مەھسۇلات شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ۋە يېتەكلەش خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، دەلىللەش گۇرۇپپىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تولۇق دەلىللەپ ۋە قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇپ تاللاش ئارقىلىق، «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسىنى تۈزەتكەندىن كېيىنكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ باش قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى شۈ داجې مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە مەسئۇلىيەت، بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئاي پەرى 4-»، «ئاي پەرى 5-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ نىشاندىكى ۋەزىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر