باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

دوستلۇق، ھەمكارلىق گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى

2015.12.02 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-دېكابىر جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنىڭ ھارپىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ «يۇلتۇز گېزىتى»دە «دوستلۇق، ھەمكارلىق گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى» دېگەن ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  دوستلۇق، ھەمكارلىق گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  جەنۇبىي ئافرىقا، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كۆزنى چاقىدىغان گۆھەر. بۇ مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول، خەلقى ئەمگەكچان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بىرلەشكەن مۇقەددەس تۇپراق. بۇ تۇپراقتا ماندېلا تۇغۇلۇپ يېتىلىپ، ئۇرۇشنى تىنچلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىرقلارنىڭ كېلىشىشىدەك رىۋايەتنى ياراتتى. بۇ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە شان-شۆھرەتكە تولغان مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ تارىخى بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىغا ئۆزگىچە، چوڭقۇر سېھرىي كۈچ ئاتا قىلىپ، دۇنيانى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

  قەدىناس بۇرادىرىمگە بولغان دوستانە مۇھەببىتىم بىلەن بۇ گۈزەل تۇپراققا كېلىپ جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم ۋە زۇڭتۇڭ زۇما بىلەن بىرگە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوخاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدىم.جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئىنتايىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئىنتايىن مۇستەھكەم. جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگو خەلقى جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ ئادىل، ئەركىن، ئازادلىق ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوغداپ، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.جۇڭگو 1998-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. 17 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىغىچە ئۈچ دەرىجە ئاتلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭ قەدەم ئېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر-بىرىنى ھەر قايسىسىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇردى.17 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىنى بويلاپ داۋاملىق دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. ھازىر، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلى، دەرىجىدە مىسلىسىز سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈنسېرى كۈچەيتىشتىن مول نەتىجىلىك كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىق، مول مەزمۇنلۇق ئادىمىيلىك ئالماشتۇرۇشقىچە جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى نامايان بولدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر