خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- دېكابىر كەچ سائەت 9 دىن ئاشقاندا، شاڭخەي ياڭپۇ رايونى بىلەن خوڭكوۋ رايونى تۇتاشقان جايدىكى بىر ئىسكىلاتتا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، بەختكە يارىشا بىرمۇ ئادەم يارىلانمىغان. بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شاڭخەي ج خ ئىدارىسى مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: 2 - دېكابىر كەچ سائەت 9 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، ياڭپۇ ساقچى تەرەپ يادىكار يولى 8 - نومۇر 1- ئاشلىق - ماي توپ سېتىش بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرىۋالغان. ئەھۋال مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. ھازىرغا قەدەر - يىتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى