باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«100ئائىلىلىك زىياپەت-مەدەنىيەت پائالىيىتى»ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈردى

2015.12.03 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شايار ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز.زۇلپىيە غاپپار خەۋىرى، فوتوسى) ھەر خىل ئەھمىيەتلىك مەدەنىيەت،تېخنىكا ماھارىتى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق،مەھەللە ئاھالىللىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ،ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ،مەدەنىي،ئىناق مەھەللە قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،شايار ناھىيە شايار بازىرىنىڭ «خوتەن يولى»مەھەللىسى12-ئاينىڭ 2-كۈنى 2015-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇيىچە 100ئائىلىلىك زىياپەت –مەدەنىيەت پائالىيىتى»ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتتە مەھەللە تەۋەسىدىكى 100ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئايال ئائىلىسىدە تەييارلىغان ھەر خىل مېزىلىك تائاملارنى مەھەللە كومىتېتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆرگەزمە قىلدى ھەمدە بۇ تائاملار بىلەن ھەر مىللەت مەھەللە ئاممىسىغا ئوپچە چۈشلۈك زىياپەت بېرىلدى.مەھەللە ئەزالىرى خۇددىي بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلاردەك بۇ ئوخشىغان غىزالارنى بىرلىكتە يەپ،زىياپەتتىن تەڭ ھوزۇرلاندى.بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ھەر مىللەت مەھەللە ئاھالىسىنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى،ئىتتىپاقلىق،دوستلۇق مېھىر-مۇھەببىتى كۈچەيدى.

  «خوتەن يولى»مەھەللە ئاھالىسى گۈلنىساخان مەھەمەت مۇنداق دېدى؛بۆگۈنكى «100ئائىلىلىك تاماق ئېتىش،زىياپەت پائالىيىتى»مىز بەك ياخشى ئېلىپ بېرىلدى.ھەر مىللەت مەھەللە ئاھالىللىرى بىرلىكتە شۇنداق كۆڭۈللۈك چۈشلۈك تاماق يىدۇق.مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر