باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: تۈركىيە «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىت سېتىشىغا ياردەم بەردى

تۈركىيە زۇڭتۇڭى: بۇ گەپ راست بولسا ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن

2015.12.02 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈركىيەنى رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىت سېتىشىگە قولايلىق ياراتتى، دەپ قارىدى. تۈركىيە روسىيەنىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلدى ۋە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان پۇتىننىڭ سۆزىنىڭ راست بولسا ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا ئىپادە بىلدۈردى.

  پۇتىن 30-نويابىر فرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: تۈركىيەنى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېفىت توشۇش لىنىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى دېيىشكە تامامەن ھەققىمىز بار. ئۇلار پورتتىن بىۋاسىتە ئۆتىدۇ ۋە پاراخوتقا قاچىلايدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشتۇق. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىدە نېفىتنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى» ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ تىزگىنلەش رايونىدىن كەلگەنلىكى ۋە سانائەتكە ئىشلىتىش دائىرىسى ئىچىدە تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ئايدىڭ بولدى.

  بۇ تۈركىيە 24-نويابىر روسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن پۇتىننىڭ تۈركىيەنى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تۈركىيە ئارقىلىق نېفىت ئەتكەس قىلدى، دەپ كۆرسىتىشى.

  ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۈرىيە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئۆمران زۇئابى مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ھەرىكىتى روسىيەنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىت توشۇش لىنىيەسىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن. ئەردوغاننىڭ كىچىك ئوغلى بىلار بۇ نېفىتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سېتىۋالغۇچىسى.

  تۈركىيە يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنى قەتئىي ئىنكار قىلدى. ئەردوغان كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە مۇنداق دېدى: تۈركىيەنى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ دېيىشنى قەتئىي ئىنكار قىلىمەن. بۇنداق دېيىشكە توغرا كەلسە چوقۇم ئىسپات بىلەن دېيىش كېرەك. تۈركىيەنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، ھازىرقى ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر