باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش-داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھىم تەستىق سالدى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش ۋە ساقلىنىشتىكى «13-بەش يىللىق پىلان» ھەرىكەت پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىش، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاش لازىم

2015.12.01 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 28-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش-داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىشنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش ئىكەنلىكى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىش-داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ۋەزىپە ھېلىھەم مۈشكۈل. 18-نۆۋەتلىك بەشىنچى ئومۇمىي يىغىندىكى تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھىرلىنىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشتىكى يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش ۋە ساقلىنىشتىكى «13-بەش يىللىق پىلان» ھەرىكەت پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىش لازىم. سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساقلىنىش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلار، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلاردىكى نامرات رايونلارنىڭ ساقلىنىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاش، بېكىتىلگەن ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش دوختۇرخانىلىرىغان بولغان تولۇقلىما مېخانزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئەيدىزدىن ساقلىنىش فوندىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشىنى پائال قوللاش لازىم؛ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىش، تەستىقلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەشنى تېزلىتىپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇپ، كېسەلنى داۋالايدىغان ھەقسىز دورىلار تىزىملىكىنى تەڭشەپ، داۋالىنىش كاپالىتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق كۆيۈنۈش-ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئەڭ زور چەكتە يۇقۇملانغۇچىنى بايقاپ ۋە تارقىلىشىنى ئازايتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر