باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچادا «ھەركەتكە كېلىپ، ئەيدىزنى تولۇق يوقۇتۇشقا ئاتلىنايلى» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

2015.12.02 14:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) «1- دېكابىر» دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان، ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك ئەيدىز كېسىلىنڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى تەشكىللىگەن « ھەركەتكە كېلىپ، ئەيدىزنى تولۇق يوقۇتۇشقا ئاتلىنايلى» تېمىسىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي مەزمۇندىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 1- دېكابىر كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانى، كوناشەھەر مەدەنىيەت مەيدانى، كۇچا چوڭ بېكەت ۋە شەرقىي شەھەر مەھەللە ئىش باشقارمىسىدا ئومۇميۈزلىك باشلاندى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىگە ناھىيەلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق 68 ئورۇندىن 350 نەپەردىن ئارتۇق تەشۋىقات پىدائىيلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئالتە كۆچمە تەشۋىقات ماشىنىسى ئاجرىتىپ، 250 دانە تەشۋىقات دوسكىسى قويۇپ، 33 مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋەرەقچىسى، تەشۋىقات قوللانمىسى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ۋە سەھىيەدە خەلىققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئوقۇشلىقى تارقىتىپ، 2000 ئادەم قېتىم تىببىي مەسلىھەت بېرىپ، 1250 نەپەر كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ياش – ئۆسمۈرلەرنى بىر قېتىملىق ئەيدىزنىڭ ئالىدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەگە ئىگە قىلغان.

  كۇچا ناھىيەلىك ئەيدىز كېسىلىنڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىمىلەم داۋۇتنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرىشىچە، «ھەركەتكە كېلىپ، ئەيدىزنى تولۇق يوقۇتۇشقا ئاتلىنايلى» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ھەرقايسى يېزا - بازار، مەيدان، مەھەللە ئىش باشقارمىلىرىدا 15 - دېكابىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، تەشۋتنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %100گە يەتكۈزش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەيىدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ھەممە كىشىگە يەتكۈزىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر