Facebookنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زۇككېربېرگ Facebook تورىغا: ‹‹مەن ۋە پىرىسسىللا ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا قىزىمىز ماكسنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتۈۋالدۇق›› دەپ يازغان. زۇككېربېرگ قىزىغا ماكسىما چېن زۇككېربېرگ دەم ئىسىپ قويغان بولۇپ، بۇ قىز بوۋاق 7 قاداق 8 ئۇنسىيە ئېغىرلىقتا، ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان.
قىزىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، زۇككېربېرگ ۋە ئايالى پىرىسسىللا Facebook دىكى %99 پاي چېكى (تەخمىنەن 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) نى خەيرىيەت ئورگانلىرىغا تەقدىم قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.