باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دىققەت! توردا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتا، يان تېلېفون تەكشۈرۈلىدۇ

2015.12.02 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : يېقىندا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى 12306مۇلازىمەت تور بېكىتىدىن بېلەت سېتىۋالغاندا، مەشغۇلات سېستىمىسى ئاھالىلەردىن تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قوش يۆنىلىشلىك تەكشۈرۈشىنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرىۋالغان. 1 - دېكابىر، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرى ۋە توردا ئەگەر تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قوش يۆنىلىشلىك تەكشۈرۈشىنى تاماملىمىسا، 3- دېكابىردىن كىيىن نورمال بېلەت سېتىۋالغىلى بولمايدۇ دەپ تارقالغان.

  1- دېكابىر جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى « يولۇچىلار 12306مۇلازىمەت تور بېكىتىگە تىزىملاتقانلارنىڭ يانفونىنىڭ ئالاقىلىشىشچانلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش »نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى : يېقىندا بەزى بېلەت ئېلىپ ساتقۇچىلار توردا بېلەت سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، ساختا تېلېفون نومۇرىنى رويخەتكە ئالغۇزۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلەت سېتىش مەزگىلىدە بېلەت ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. كەڭ يولۇچىلارنىڭ نورمال سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يولۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمدە يولۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى يولۇچىلارغا توغرا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يولۇچىلار 12306مۇلازىمەت تور بېكىتىگە تىزىملاتقانلارنىڭ يانفونىنىڭ ئالاقىلىشىشچانلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇخىل تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى سالاھىيەت ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا قوش يۆنىلىشلىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن، يولۇچىلار خېرىدار نامىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ بىۋاسىتە تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر