باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيىغا تارىخىي ماتېرىياللار ھەدىيە قىلىندى

2015.12.03 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيىدا 20 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بورھان شەھىدىنىڭ قىزى ئەلسۆيەر قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيىغا مەمەتئىمىن ئىمىنوف خەت - چەكلىرىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، رېن شېڭخۇانىڭ شەنشى، گەنسۇ، نىڭشا چېگرا رايونلىرى تەيىننامىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا چېگرا رايونلىرى يەر خېتىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»، «سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرلىرى» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي ماتېرىياللارنى ھەدىيە قىلدى.

  ئەلسۆيەر مۇنداق دېدى: «بۇ تارىخىي ماتېرىياللارنى ھەدىيە قىلىشىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، بىز چوقۇم تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش روھىدىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».

  ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيىدا مەركەز ھۆججەتلەر نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭغا ئائىت كىتابلارنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان 100 دىن ئارتۇق كىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر