چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكىدا بىر قېتىمدا تۆت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم قازا قىلىش، يارىلىنىشتەك ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىن ئاز دېگەندىمۇ جەمئىي 354ى يۈز بەرگەن. مۇتەخەسسىسلەر بىر قېتىمدا ئادەتتە ئاز دېگەندە تۆت ئادەم قازا قىلغان، يارىلانغان ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىنى چوڭ ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى دەپ ھېسابلايدۇ.
سانلىق مەلۇماتلارندىن قارىغاندا، چارشەنبە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن 14 ئادەم قازا قىلىش 17 ئادەم يارىلىنىشتەك پەۋقۇلئاددە زور ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئامېرىكىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 462 ئادەم كوچا-كويلاردا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا، 1314 ئادەم يارىلانغان. بۇ يىل ئىچىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەلىرىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ يۈز بېرىشى قورالنىڭ يامراپ كېتىش مەسىلىسىنى ئامېرىكىدا يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىگە ئايلاندۇرغان. چارشەنبىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنتتىن قورالنى كونترول قىلىش قانۇنىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، قورال ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، قوراللىق زوراۋانلىقنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېيتقان.