باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتىنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى

2015.12.03 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 2-دېكابىر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتىنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى»سىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش نۇسقىسىدىن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشقا باشلىدى. ھازىرقى يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇنغا سېلىشتۇرغاندا، لايىھەدە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقى كۈچەيتىلدى. لايىھەگە ئاساسەن، پاتنت ھوقۇقىغا قەستەن دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھوقۇقدارغا بەش مىليون يۈەن تۆلەم بېرىش توغرىسىدا كىسىم چىقىرىدۇ. لايىھەدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: پاتنت مەمۇرى تارماقلىرى دەۋاگەرنىڭ تەلىپى بويىچە، ھوقۇقغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش تۆلەم سوممىسىنى ياراشتۇرسا بولىدۇ، ياراشتۇرۇلمىسا، دەۋاگەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۈنسا بولىدۇ. ئەگەر ياراشتۇرۇشتا بىر دەۋاگەر ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى پۈتۈنلەي ئىجرا قىلمىسا، يەنە بىر دەۋاگەر مەجبۇرى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئۇچۇرى تورىنىڭ پىكىر توپلاش سىستېمىسى ئارقىلىق، لايىھەنىڭ قاراپ چىقىش نۇسقىسىغا پىكىر بەرسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر