رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 3-دېكابىر موسكۋا كرېمىل سارىيى ساينت جورجى زالىدا يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە غەربنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك جازا چارىلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئوبدان تەييارلىق قىلىشى كېرەك.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا خەلقئارا تېررورىزمغا زەربە بېرىش، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش، رۇسىيەنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.