باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى» تارقاتتى

2015.12.04 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدۇ. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلارغا قارىتا تۆلىتىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش ئۈچۈن، ھازىر بۇ تۈزۈمنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تۈزۈلدى.

  نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش دائىرىسى، جاۋابكارلىق سۇبيېكتى، تۆلىتىش سۇبيېكتى ۋە زىياننى تۆلىتىشنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى قاتارلىقلارنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇناسىپ باھالاش، باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەبلەغگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئايلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۈزەش ۋە تۆلىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  2015-يىلدىن 2017-يىلغىچە، قىسمەن ئۆلكىلەرنى تاللاپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ. 2018-يىلدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. 2020-يىلغىچە، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، يول راۋان، تېخنىكىسى قېلىپلاشقان، كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە، مۇۋاپىق تۆلىتىدىغان، ئۈنۈملۈك تۈزەيدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكىلەر باشقا تەرتىپ بويىچە تەستىقلىنىپ بەلگىلىنىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر