باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى گۆھەر زېمىن» تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

2015.12.03 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تۈمەن سودىگەرلەر تەڭرىتاغقا توپلىشىپ، داڭلىق مەھسۇلاتنى يىپەك يولىدا جۇلالىتايلى» تېمىسىدىكى «يىپەك يولى گۆھەر زېمىن» تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى 23 - نويابىر ئۈرۈمچى «جۈنباڭ» ئالىي مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  «يىپەك يولى گۆھەر زېمىن» ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئالتۇن ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، «رۈيدا» خەلقئارالىق سودا مەركىزىنىڭ پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش، مۇلازىمەت، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى ھۇزۇرلىنىش شەكلىدىكى مال سېتىۋېلىش تۇرمۇش مەركىزى ئىكەن. «يىپەك يولى گۆھەر زېمىن» تۈرى پۈتۈنلەي يېڭى سودا شەكلى ۋە غەربىي يۇرت مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، كۆلىمى 120 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. گۆھەر زېمىن سودا بىناسى كارخانىچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، چەت ئەللىكلەر، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئىستۇدېنتلاردىن ئىبارەت تۈرلۈك ئىجتىمائىي قاتلام كىشىلىرى ئۈچۈن ئىقتىساد، سودا ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يەككە، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا ئاھالىلەر ۋە چېگرا رايون مېھمانخانىسىدا تۇرىدىغان چەت ئەللىك مېھمانلار ئۈچۈن ياخشىراق ئۇنىۋېرسال سودا مەركىزى يوق. شۇڭا، بىز بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى ۋە مەدەنىيىتىنى يىپەك يولىدا جۇلالاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، مال سېتىۋېلىش، غىزالىنىش، چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار مۇجەسسەملەنگەن، ھەر قايسى تۈرلەردە تەمىنلىيەلەيدىغان سودا رايونى قۇرۇش مەقسىتىدە «يىپەك يولى گۆھەر زېمىن» تەييارلىق گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ تۈرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بۇ قېتىمقى تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، تەڭرىتاغ رايونلۇق يەككە، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتى قوللىغان بولۇپ، يىغىنغا 500گە يىقىن ئادەم قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر