خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-دېكابر، بېيجىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىدى. بىر ھاۋا قاچىلانغان پىليونكىدىن ياسالغان تەنتەربىيە سارىيى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا قەد كۆتۈردى. بۇ تەنتەربىيە سارىيىنىڭ PM 2.5 سۈزمە سىستېمىسى سىرتتىن كىرگەن ھاۋانى سۈزەلەيدىكەن. سۈزۈلگەندىن كېيىنكى ھاۋا شامال يولى ئارقىلىق پىليونكىغا قاچىلىنىدىكەن. ھاۋا قاچىلانغان پىليونكا ئىچىدىكى ھاۋا بېسىمى ئۆي سىرتىدىكى ھاۋا بېسىمىدىن چوڭ بولۇپ، PM 2.5 نى ھاۋا قاچىلانغان پىليونكا سارىيىنىڭ سىرتىغا ئايرىۋېتەلەيدىكەن. 27-نويابردىن باشلاپ، بېيجىڭ ئىزچىل بۇلغانغان ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، بۇ قېتىمقى كۈچلۈك بۇلغىنىش بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بۇلغىنىش ئىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى