باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەرنىڭ پوتبول ئەزىمەتلىرى يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك چېمپيونلۇققا ئېرىشتى

2015.12.02 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 28-نويابىر خەينەن ئۇنۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن« مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن » جوڭگو ئەل ئارا چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قەشقەرنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى1گە قارشى 7نەتىجە بىلەن خۇبىي ۋۇخەن ۋەنسوڭيۈەن ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، بەش كىشىلىك ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. كىيىنرەك ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار گورۇپپىسى مۇسابىقىسىدە، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى كوماندىسى 4كە قارشى 3نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قېلىپ، ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە 2-لىككە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قەشقەر ئەزىمەتلىرى كوماندىسى مۇسابىقىدە ھەيران قالارلىق ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىپ، 2مەيدان مۇسابىقىدە 22توپ توپ كىرگۈزۈپ، پەقەت بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قەشقەرنىڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن « مەن توپ شاھى » پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر