باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۈچ ئاي ئىچىدە210مىڭ پاسپورت بېجىرىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.4ھەسسە ئاشتى

2015.12.02 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدە ئېچىلغان « خەلققە دوكلات بېرىش، ئاممىنى رازى قىلىش» دوكلات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قوبۇل قىلغان پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى 228مىڭ 876ئادەم قېتىمغا، بېجىرىلگەن پاسپورت 213مىڭ 708گە يەتكەن بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 240.8ئاشقان.2015-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش جەھەتتە، ئىلگىرى - كىيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۇندەرىجىسى، خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى تۈزۈپ تارقاتتى ھەمدە ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. بۇلۇپمۇ بۇيىل 8-ئايدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاھالىلەر ئادەتتىكى پاسپورت باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، پاسپورت تارقىتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ 11-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قوبۇل قىلغان پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى 228مىڭ 876ئادەم قېتىمغا، بېجىرىلگەن پاسپورت 213مىڭ 708گە يەتكەن بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 240.8ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جايلاردا ھەرجايدىكى ساقچىخانىلار كۆپەيتكەن چېگرىدىن چىقىش - كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكى 111گە ، تولۇقلىغان ئادەم كۈچى 276گە يەتتى.

  يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىنىڭ چەت ئەلگە ( چېگرا سىرتىغا ) چىقىش كىنىشكا بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىر قاتار خەلققە قولايلىق تەدبىرلەرنى يېڭىدىن يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىملىكنى سېكانىرلاش ئارقىلىق ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئاپتوماتىك بېسىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس جەدۋىلىدىكى ماس ئورۇنلارنى تاللاپ ھەمدە ئىمزا قويسىلابولىدىغان قىلىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، پاسپورتنى پوچتىدىن ئەۋەتىش كەسپى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، پاسپورت بېجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئەۋەتىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچى پاسپورتنى ئېلىش ئۈچۈن قايتا كىلىشى ھاجەتسىز قىلىندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر